چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇش مۇساپىسىنى جانلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1568809
چاۋۇشئوغلۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىغا بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، شۇنداقلا كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مارگارىتىس شىناس، ئىچكى ئىشلارغا مەسئۇل ئەزاسى ئىلۋا يوھانسون ۋە قوشنىدارچىلىق سىياسىتى، قوشۇمچە كېڭىيىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى ئولىۋېر ۋارخېلى بىلەن كۆرۈشتى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

«بىزنىڭ قاتنىشىش مۇساپىمىز جانلاندۇرۇلۇشى كېرەك» دېگەن چاۋۇشئوغلۇ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى ۋە ۋىزىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك. قانۇنسىز كۆچمەنلەر ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ياۋروپادا قەد كۆتۈرۈۋاتقان ئىرقچىلىق، كەمسىتىش ۋە ئىسلامغا قارشى تۇرۇش خاھىشلىرىغا قارشى بىردەك كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ بوررېل بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرىدا: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشنى خالايمىز. 2016- يىلى 18- مارتتا ئىمزالانغان كېلىشىمنى باشتىن ئاخىر يېڭىلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئىجابىي كۈنتەرتىپنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ياۋروپا كېڭىشى ۋە كومىتېت رەئىسلىرى زىيارەتلىرىنىڭ تەييارلىقلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتۇق» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ۋون دېر لېيېن يىغىن توغرىسىدىكى ئۇچۇرىدا: «دىيالوگ ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز ئەمەلىي مەيداندا ئىشەنچلىك ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن بولسا، مۇئاۋىنى مارگارىتىس شىناس: «ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلاشنىڭ پەيتى كەلدى» دېدى.

بوررېلنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان قىممەت قاراش ۋە پىرىنسىپلارغا باغلىق ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدا ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى بار. جوسېپ بوررېل بىلەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇچرىشىشى بۇ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن سەمىمىي، ئېنىق ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ياراتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر