چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سوفى ۋىلمېس (Sophie Wilmes) بىلەن كۆرۈشتى.

1568780
چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سوفى ۋىلمېس بىلەن ئېگمونت سارىيىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن، تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، 2023-يىلى تۈركىيە بىلەن بېلگىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىغا 185يىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، بېلگىيەدە بىللە ياشاش مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى بولغان تۈركىيە پۇقرالىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزگە كۆلەڭگە تاشلىنىشىغا رۇخسەت قىلمايلى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزدە، بېلگىيەنىڭ قوللىشىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمىز» دېدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر