ئەردوغان: تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغان مىللەتلەر يىلتىزلىرى قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئەگەر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ بىر مەدەنىيەت دەۋايىمىز بولىدىغان بولسا، ئۇنى ئالدى بىلەن تۈركچىدىن باشلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دېدى.

1567929
ئەردوغان: تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغان مىللەتلەر يىلتىزلىرى قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 2019 – 2020 – يىللىق ئالاھىدە مۇكاپاتلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئۇ يىغىندىكى سۆزىدە: «تىلىغا ئىگە چىقمىغان، تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغان مىللەتلەر يىلتىزلىرى قۇرۇپ كەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشاش شامال چىققاندا ئۆرۈلۈپ چۈشۈشكە مەھكۇمدۇر» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «نۇرغۇن ساھەلەردىكى مۇشكۇلاتلارنىڭ نېگىزىدە تىل ياتىدۇ. تىلىمىزغا ئۇنىڭغا لايىق دىققەت ۋە ئەھمىيەت بەرمەي تۇرۇپ باشقا مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە: «ئەگەر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ بىر مەدەنىيەت دەۋايىمىز بولىدىغان بولسا، ئۇنى ئالدى بىلەن تۈركچىدىن باشلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر