تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى بايدىننى تەبرىكلىدى

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار قىلىچ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 46 – پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە قەسەم ئىچكەن جو بايدىننى تەبرىكلىدى.

1568097
تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى بايدىننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەردار قىلىچ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈنۈگۈن قەسەم ئىچكەندىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھاررىسنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تىنچلىق ھەم بىخەتەرلىكنى قوغداش يولىدا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت ئىشلەش ئۈچۈن يېڭى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋاشىنگتوننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتە ئەقىل-پاراسەتكە تايىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر