تۈركىيە ئەلقائىدە بازا تەشكىلاتىغا ئەزا بىر ئىتالىيەلىكنى دۆلىتىگە تاپشۇردى

سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەگە چېتىشلىق گۇرۇپپىلارغا قاتناشقان ئىتالىيە پۇقراسى تۈركىيە ۋە ئىتالىيە بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە قولغا ئېلىنىپ، دۆلىتىگە قايتۇرۇلدى.

1568194
تۈركىيە ئەلقائىدە بازا تەشكىلاتىغا ئەزا بىر ئىتالىيەلىكنى دۆلىتىگە تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ «ANSA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، 24 ياشلىق بىر ئىتالىيە پۇقراسىنىڭ 2014-يىلى ئوتتۇرا شەرققە بارغانلىقى، سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەگە چېتىشلىق گۇرۇپپىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلغانلىقى ۋە 2017-يىلى ئۇنىڭ ھەققىدە خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، مەكۇر ئىتالىيەلىكنىڭ تۈركىيە ۋە ئىتالىيە  بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە تەقىپ قىلىنىپ، قولغا چۈشۈۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

گۇماندارنىڭ ئۆزىنى ئىتالىيە دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ۋە ھاتايدا ئىتالىيەلىك مەسئۇللارنىڭ ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە يەنە، قولغا ئېلىنغان ئىتالىيەلىكنىڭ ھازىر ئىتالىيەدە تۈرمىدە ئىكەنلىكى، تۈركىيەلىك ئايالى ۋە ئۈچ بالىسىنىڭ بولسا، تۈركىيەدە قالغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر