ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك  باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرىئېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1567208
ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك  باياناتچىسى ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا،  ئوبرىئېننىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئالدىدا تۇرغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايون مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن.

ئىبراھىم كالىن بىلەن ئوبرىئېن ئىككى مەنسەپداش بولۇش سۈپەتلىرى بىلەن  تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن پەيتتە، پايدىلىق بىر يول قۇرۇپ چىقالىغانلىقلىرى ئۈچۈن مەمنۇن بولۇشقانلىقلىرىنى ئىپادىلەشكەن.

تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە،  ئۆز-ئارا مەنپەئەت ۋە ھۆرمەت دائىرىسىدە تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئىزچىللىقنىڭ ئاساس ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر