ئىراق تاراتقۇلىرى ئاقارنىڭ زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

ئىراق تاراتقۇلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەرنىڭ پايتەخت باغدادقا قىلغان زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

1566775
ئىراق تاراتقۇلىرى ئاقارنىڭ زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا چىقىدىغان «‹ساباھ› گېزىتى»، بۈگۈنكى سانىدا ئورۇن ئاجراتقان، «ئىراق بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئورتاق چېگرا بىخەتەرلىكى كېلىشىمى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەرنىڭ، ئىراق پىرېزىدېنتى بەرھەم ساھىلى، باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۈمە ئىناد بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

دۆلەتتە چىقىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق كۈندىلىك گېزىتلەردىن «‹زامان› گېزىتى» بولسا، «قازىمى ئاقارغا ئىراقتىن تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىغا قارىتىلغان تەھدىتلەرنى رەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئاقار بىلەن گۈلەرنىڭ باغداد زىيارىتى ھەققىدە ئوقۇرمەنلىرىگە مەلۇمات بەردى.

ئىراق دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى بىلەن «‹ئەلمەدا› گېزىتى» دىن سىرت يەنە، دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ خەۋەرلەر تورلىرىمۇ، ئاقارنىڭ ئىراققا قىلغان زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر