ئەردوغان: تۈركىيە رايون ۋە دۇنيادا تەڭپۇڭلۇقلارنى بەلگىلىگچى سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە رايون ۋە دۇنيادا تەڭپۇڭلۇقلارنى بەلگىلەيدىغان ئورۇنغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1566717
ئەردوغان: تۈركىيە رايون ۋە دۇنيادا تەڭپۇڭلۇقلارنى بەلگىلىگچى سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك دۇزجە، چورۇم، ئاماسيا، بارتىن ۋە قارابۇك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتايلىرىغا ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدىن بىۋاسىتە ئۇلىنىش ئارقىلىق قاتناشتى.

ئەردوغان سۆزىدە، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ چوڭ لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيەدىن بىخەتەرلىك ساھەسىگە قەدەر زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە رايون ۋە دۇنيادا تەڭپۇڭلۇقىنى بەلگىلەيدىغان ئورۇنغا كەلدى» دېدى.

ئەردوغان نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىقتىساد ۋە قانۇن ساھەسىدە تاشلىغان ئىسلاھات قەدەملىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك  تەييارلىقلىرىمىز خەلققە سۇنۇش باسقۇچىغا يېتىپ كەلدى. تۈپتىن ئېلىپ بارغان يەنە نۇرغۇن ئىسلاھات خىزمەتلىرىمىزنى پەيتى كەلگەندە مىللىتىمىز بىلەن ئورتاقلىشىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر