چاۋۇشئوغلۇ بىريۇسسېلدا ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ 20-22-يانۋار (2021) كۈنلىرى ئارىسىدا بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلنى زىيارەت قىلىدۇ.

1566809
چاۋۇشئوغلۇ بىريۇسسېلدا ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بىريۇسسېلدا بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بىريۇسسېل زىيارىتىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېلگىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل تاشقى سودا ۋا فېدېراتسىيە مەدەنىيەت ئىدارلىرى مىنىستىرى سوفى ۋىلمېس (Sophie Wilmes)، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىق ئامىللىرى ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق مۇساپىسى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق يېڭى تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى پىلان قىلىنغان بىريۇسسېل ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىدە ئىجابىي كۈنتەرتىپلەر ئارقىلىق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈمىدىمىز ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر