ئەردوغان: دۆلىتىمىزنى پارلاق كەلگۈسىگە تەييارلاۋاتىمىز
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن مانىسادا رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن لايىھەلەر ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىۋىتتېر ھېسابىدىكى ئۇچۇرىدا، «دۆلىتىمىزنى ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دېمەي يۈگۈرۈۋاتىمىز. مانىسادا رەسمىي ئېچىلىش مۇرسىمىنى ئۆتكۈزگەن 4 ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە سوما بىلەن كىركاغاچقا يەتكۈزۈللىدىغان تەبىئىي گاز لايىھەسىنىڭ مەملىكىتىمىزگە شۇنداقلا مانىسالىق قېرىنداشلىرىمغا خەيرىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن» دېگەنلەرنى يازدى.
ئەردوغان «ۋەتىنىمىزنى پارلاق كەلگۈسىگە تەييارلاۋاتىمىز» سەرلەۋھىسى بىلەن ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا يەنە، « دۆلىتىمىزنى ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دېمەي يۈگۈرۈۋاتىمىز، تەر تۆكۈۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ ئاقساپ قىلىشىنى، كىرىزىسقا ۋە مالىمانچىلىققا ئىتتىرىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلارغا قارشى دۆلىتىمىزنى پارلاق كەلگۈسىگە تەييارلاۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەتگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.