دۆلەت مۇداپىئەمىزنىڭ دائىرىسىنى تور ۋەتىنىمىزنىڭ ساھەسىگىچە كېڭەيتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ دائىرىسىنى تور ۋەتەننىڭ مۇداپىئەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1564492
دۆلەت مۇداپىئەمىزنىڭ دائىرىسىنى تور ۋەتىنىمىزنىڭ ساھەسىگىچە كېڭەيتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مىللىي سارايلار ئورگىنى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىنىڭ شاھزادە باشقارمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن، رەسىم – ھەيكەل مۇزېيىنىڭ رېمۇنت خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، مۇزېينى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ ئەسلى بايلىقى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن ئۆلچىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان <سەلچۇقىيلار دۆلىتى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ مىراسىلىرىنىڭ زامانىۋى نامايەندىسى> دېيىشكە بولىدىغان يېڭىچە بىناكارلىق ئۇسلۇبىنى دۆلىتىمىزدە كەك ئومۇملاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. دۇنيادا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرى قايتىدىن شەكىللىنىۋاتقان بىر دەۋرگە قەدەم قويۇۋاتقان شۇ كۈنلەردە، ھەممىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە تېگىشلىك خۇسۇسلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە ئائىلە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. نۆۋەتتە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرى فىزىكىلىق چېگرا لىنىيەلىرىدىنمۇ بەكرەك دىگىتال دۇنيادا ھۇجۇم ئاستىدا تۇرماقتا. ھازىر يېڭى بىر دەۋر باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ دەۋرنىڭ ئىسمى <دىگىتال دەۋر> دۇر. شۇڭا، دىگىتال ۋەتەننى قوغداشنىڭ بىر تەرىپىدە تېخنىكىلىق قۇرۇلما بولسا، يەنە بىر تەرىپىدە، مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش باردۇر.»

ۋەتەننى قوغداش دائىرىسىنى ھەم دېڭىزدا كۆك ۋەتەن سۈپىتىدە، ھەمدە دىگىتال دۇنيادا تور مۇھىتى ئاستىدىكى ۋەتەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تور مۇھىتى ئاستىدىكى ۋەتەننى، ھەم تېخنىكىلىك قۇرۇلمىمىزنى كۈچەيتىدىغان ھەمدە ئىلھامىنى ئۆز مەدەنىيىتىمىزدىن ئالىدىغان مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىشىمىزنى ئاشۇرغان ھالدا قوغداش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

يېقىندىن بۇيان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، مۇنداق دېدى: «مىللىي تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياقتۇرۇپ كۆرۈلۈۋاتقان بولسا، بۇمۇ بىزنىڭ توغرا يولدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر