مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇغا «ھىلال ئاي-پاكىستان» ئوردېنى تەقدىم قىلىندى
دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا يېتىپ باردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئالدى بىلەن پاكىستان پىرېزىدېنتى ئارىف ئەلۋى بىلەن كۆرۈشتى.
ئارىف ئەلۋى جىنناھ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇغا «ھىلال ئاي-پاكىستان» ئوردېنىنى تەقدىم قىلدى.
مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچرىشىش ھەققىدە ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا: «پىرېزىدېنت ئارىف ئەلۋىگە جۇمھۇر رەئىسىمىز (@RTErdogan) رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالامىنى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزدۇق. پاكىستان بىزنىڭ ئىككىنچى ئۆيىمىز. ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىمىز. مەن ھىلال ئاي-پاكىستان ئوردېنىنى پەخىرلەنگەن ھالدا ئاسىمەن. ياشىسۇن تۈركىيە - پاكىستان قېرىنداشلىقى!» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بۈگۈن 168يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن168كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.