2021 – يىلى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەر ئىشقا ئاشىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئىسمائىل دېمىر دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەشلەر ھەققىدەمەلۇمات بەردى.

1561186
2021 – يىلى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدە زور ئىلگىرىلەشلەر ئىشقا ئاشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2021 – يىلى ئاكىنچى ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان (TİHA) نىڭ تۇنجى تاپشۇرۇلىشى ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ. ئاقسۇڭۇر قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى (SİHA) نىڭ يۈرۈشلۈك ئىشلەپچىقىرىشى داۋاملىشىدۇ. ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئاتاكنىڭ 2 - باسقۇچلۇق تۇنجى تاپشۇرۇلىشى باشلىنىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئىسمائىل دېمىر «2020 - يىللىق باھالاش ۋە 2021 - يىللىق نىشانلار يىغىنى» دا سۆز قىلدى.

ئىسمائىل دېمىر تۈركىيەنىڭ دۆلەتلىك مۇداپىئە سانائىتى تۈرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، «2021 - يىلى تۇنجى قېتىم ئاكىنچى TİHA تاپشۇرۇلىدۇ، ئاقسۈنگۇر SHA نىڭ يۈرۈشلۈك ئىشلەپچىقىرىشى داۋاملىشىدۇ، ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئاتاكنىڭ 2-باسقۇچلۇق تۇنجى مال تاپشۇرىشىمۇ  باشلىنىدۇ» دېدى.

2021 - يىلى (تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى) <ھىسار- A + > نىڭ قورال تۈرىگە كىرگۈزىلىشى داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىسمائىل دېمىر، «(ئوتتۇرا ئېگىزلىكتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى) <Hisar-O +> نىڭ سىناقلىرى تاماملىنىدۇ ۋە سىستېما قورال تۈرىگە كىرگۈزۈشكە تەييار ھالغا كېلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر