شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا ۋە ئاۋاشىن رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1559805
شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىزچىل ھەم قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا ۋە ئاۋاشىن رايونلىرىدا، چارلاش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 4 تېررورچى، ھاۋا ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر