ئەردوغان ئېدى راما بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئالبانىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1558907
ئەردوغان ئېدى راما بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئالبانىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ساياھەت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇشنى، ھەمدە بۇ دۆلەت بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى .

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن ئالبانىيەدە بىر دوختۇرخانا سېلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئالبانىيەدىكى مائارىپ ۋەخپى ئۆتكۈزۈۋالغان ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ئۇ يەردە بىر  ئىستانبۇل پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ قۇرۇلغان بولىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.

ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىلىرىنى كۆرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

راما يەنە ئالبانىيەدە (ئالدىنقى ۋە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن) يەر تەۋرەشتە ياردىمىنى ئايىماي، دۆلىتىگە يار – يۆلەك بولغان تۈرك خەلقىگە رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر