تۈركىيە ئامېرىكانى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پىرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگىرىشلەرنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

1558954
تۈركىيە ئامېرىكانى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى تۈنۈگۈن نامايىشچىلارنىڭ دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كىرىشكە تەشەببۇس قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىچكى ئۆزگىرىشلەردىن ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ئىچكى سىياسىي كىرىزىسنى كەڭ قورساقلىقى بىلەن ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»

باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى تۈركىيە پۇقرالىرى ئادەم كۆپ ماكانلار ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يەرلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر