تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى، بىر تېررورچى تەسلىم بولدى.

1559404
تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، سۈرىيەدە «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 5 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، تېررورچىلارنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە داۋاملىق تەسلىم بولۇۋاتقانلىقىنى، يېڭى يىلدىمۇ، ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەھبەرلىكىدە قوراللىق ساقچى قىسىم باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ داۋاملىق خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان بىر تېررورچىنىڭ بۈگۈن تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى، مەزكۇر تېررورچىنىڭ 2014 – يىلى پ ك ك نىڭ سېپىگە قاتناشلىقى ۋە سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر