تۈركىيە يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان كىرودىيەلىكلەرگە ياردەم قولىنى ئۇزاتتى

كىرودىيەدە يۈز بەرگەن 6.2 يەر تەۋرەشتىن كېيىن، تۈركىيە يەر تەۋرەشتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بۇيۇملىرى يوللىدى.

1558321
تۈركىيە يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان كىرودىيەلىكلەرگە ياردەم قولىنى ئۇزاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى — ئافاد بايانات ئېلان قىلىپ، 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى كىرودىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 7 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 28 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

باياناتتا، قىش پەسىلى نەزەردە تۇتۇلۇپ يەر تەۋرەشتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىسسىنىشى ئۈچۈن 272 ئىسسىتقۇچ  ۋە چوڭلۇقى 16.5 كىۋادرات مېتىرلىق 480 ئائىلە چېدىرىنىڭ كىرودىيەگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە: «ئافاد قۇراشتۇرما ئۆيلىرىدىن 30 ى 3 – يانۋار (تۈركىيە ۋاقتى) سائەت 06:00 دە رو-رو پاراخوتىغا يۈكلىنىپ يولغا سېلىندى . قالغان يەتمىش ئۆي 5 – يانۋار كۈنى يولغا سېلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر