فاھرەتتىن كوجا: يەرلىك كوۋىد-19 ۋاكسىناسى ئىنسانلارغا سىناق قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا كوۋىد-19 غا قارشى يەرلىك ۋاكسىنانىڭ ئىنسانلارغا سىناق قىلىش باسقۇچىغا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1558310
فاھرەتتىن كوجا: يەرلىك كوۋىد-19 ۋاكسىناسى ئىنسانلارغا سىناق قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا «ئاكتىپ بولمىغان ئۈچ ۋاكسىنا نامزاتىمىز، تۈركىيە دورىگەرلىك ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئىدارىسى (TİTCK) غا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئىنسانلار ئۈستىدە  سىناقلىرىنى باشلاشقا ئىجازەتنامە تەلەپ قىلدى. يەرلىك ۋاكسىنا سىناق قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى» دېدى.

فاھرەتتىن كوجا: «دۆلىتىمىزنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارى بارلىق ۋاكسىنا تۈرلىرى ئۈچۈن تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. دۆلىتىمىزدە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرالايدىغان بارلىق مۇئەسسەسەلەرنىڭ ياخشى ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبە گۇۋاھنامىسى تاماملاندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر