ئوكتاي سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1556212
ئوكتاي سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «سومالىدا بىر تۈرك شىركىتى نىشان قىلىنغان قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمەن، سومالى خەلقىگە ياردەم بېرىشتىن باشقا مەقسىتى بولمىغان پۇقرالىرىمىزنى نىشان قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغانلارنى لەنەتلەيمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر