سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا سومالىدا بىر تۈرك شىركىتىگە ئائىت قۇرۇلۇش ئورنىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سانىنىڭ 2 گە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

1556206
سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوجا، سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغان ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇجۇمدا  ھاياتىدىن ئايرىلغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سانىنىڭ 2 گە يەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يارىلانغان 3 ى تۈرك بولۇپ، جەمئىي 14 كىشىنى داۋالاشنى موگادىشۇ رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوختۇرخانىسىدا  داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. يارىلانغان پۇقرالىرىمىزنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ئەمەس، تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.»

بۇنىڭدىن بۇرۇن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سومالىدا بۈگۈن ئەتىگەن يۈز بەرگەن ۋە تۈرك شىركىتى ئىشچى – خىزمەتچىلىرى نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمى قاتتىق ئەيىبلەنگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر