شەنتوپ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەدەنىيەت – سەنئەت بۈيۈك مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن شەخسلەرگە تېلېفون قىلىپ، تەبرىكلىدى.

1556065
شەنتوپ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ماسلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەنتوپ، ئالدىنقى كۈنلەردە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلشىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇكاپاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان سادەتتىن ئۆكتەن، ئۆزدەمىر ئەردوغان، ئىسمائىل قارا، دەرۋىش زائىم، ئىبراھىم تەنەكەجى ۋە مەھمەت چەبى قاتارلىق شەخسلەرگە ئايرىم - ئايرىم تېلېفون قىلىپ، تەبرىكلىگەن، ھەمدە ئۇلارغا مۇۋەپپەقىيەت تىلىدىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر