فۇئات ئوكتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكسىنا خۇش خەۋىرى بەردى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ئالدى بىلەن سەھىيە خادىملىرىغا ئەملىنىدىغان كوۋىد-19  ۋاكسىنىسىنىڭ شۇ دائىرىدە يەنە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىمۇ سەھىيە خادىملىرىغا ئەملىنىشى ئۈچۈن يوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1555615
فۇئات ئوكتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكسىنا خۇش خەۋىرى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ، «قەدىرلىك قىبرىس تۈركلىرى قېرىنداشلىرىم، يالغۇز دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، دۇنيا مىقياسىدا ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىمۇ كوۋىد -19 سەۋەبىدىن چوڭ ئاۋارىچىلىقلار يۈز بەرگەن 2020 - يىلىنى ئارقىدا قالدۇرۇۋاتقان پەيتتە،  بولۇپمۇ سەھىيە ساھەسى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە گۈزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغالىقىغا ئىشەنگەن 2021 – يىلىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2021 – يىلىنىڭ تۇنجى خۇش خەۋىرىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۈركلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان فۇئات ئوكتاي: «يۇقۇمغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ئالدى بىلەن سەھىيە خادىملىرىغا ئەملىنىدىغان كوۋىد-19  ۋاكسىنىسىنى شۇ دائىرىدە يەنە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىمۇ سەھىيە خادىملىرىغا ئەملىنىشى ئۈچۈن يوللىنىدۇ.  2021 - يىلىنىڭ ساغلاملىق، تىنچلىق ۋە خۇشاللىققا تولغان بىر يىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر