ئاقار ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە تۈركىيە ئارمىيەلىرىنىڭ قوماندانلىرى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

1555339
ئاقار ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى جەريانىدا مۇنداق دېدى: «تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش يولىدا ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى، مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ كۈرەش قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ پەقەت بۈگۈن ئۈچۈنلا ئەمەس، كېلەچەك ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. خۇدايىم بۇيرۇسا، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدىمۇ بۇ ھەمكارلىقىمىز يېگانە يۈرەك، يېگانە بېلەك ۋە يېگانە مۇش سۈپىتىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»

قاراباغ زەپىرىنىڭ كاۋكاز رايونىنىڭ تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ زەپەرنىڭ تاجلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئورتاق مەركەزنىڭ تەشكىل قىلىنىشىدىن كېيىنلا نەخچىۋان ۋە زەنگىلان ئوتتۇرىسىدىكى لىنىيەنىڭ تەسىس قىلىنىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشىنىڭ، تۈركىيە، نەخچىۋان ۋە ئەزەربەيجاننىڭ فىزىكىلىق جەھەتتىنمۇ بىر – بىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن.»

ئاقار، 30 يىللىق ئىشغالغا خاتىمە بېرىلىشىدىن كېيىن ئەلىيېۋ رەھبەرلىكىدىكى ئەزەربەيجاننىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا سالىدىغان سېلىنمىلار ئارقىلىق رايوننىڭ جەزبىدارلىق مەركىزىگە ئايلىنىدىغانلىقىغا چىن دىلىدىن ئىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قارىتا ياردىمى ھەم قوللىشىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنىمۇ يۈسەك سەۋىيەدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە، ھەربىي مانېۋىر ۋە مەشىقلەرنىڭ ئىزچىل ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر