ئەردوغان يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېڭى يىلنىڭ تۈركىيە، رايون ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

1555236
ئەردوغان يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان باياناتىدا، 2020 – يىلىنىڭ كوۋىد – 19 يۇقۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن قىيىن ئۆتكەللەر ئوتتۇرىغا چىققان بىر يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ سەھىيە كىرىزىسى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كوۋىد – 19 يۇقۇمى بىلەن بىرلىكتە ماسكىدىن نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىگىچە، تېببىي لازىمەتلىكلەردىن دورىغىچە ئىشلەپچىقىرىشقا ئاساسلىنىدىغان ھەر بىر مەسىلىدە دۇنيادا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ كوۋىد – 19 يۇقۇمى خەۋپىنى مۇستەھكەم سەھىيە قۇرۇلمىسى ۋە دەل ۋاقتىدا قوللانغان تدبىرلىرىنىڭ سايىسىدا ئەڭ ئاز زىيان بىلەن بىر تەرەپ قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ياۋروپانىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىگە يەتكەن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرىدىكى ياتاق سانى ۋە بىر مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق سەھىيە خادىملىرى بىلەن بۇ باسقۇچنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا باشقۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى سايىسىدا پۇقرالارنىڭ، بىر قىسىم ئەللەردە ئوتتۇرىغا چىققىنىدەك، ناھايىتى جىددىي داۋالىنىش چىقىملىرىغا دۇچ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان، تەكشۈرۈشتىن دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە دورىغىچە كوۋىد – 19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن تېگىشلىك خىزمەتنى پۇقرالارغا ھەقسىز سۇنغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ يەنە بىر مەزگىل تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ۋاكسىنا زاكاز قىكلش ۋە تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ، تۈركىيەنى بۇ مەۋھۇم كېلەچەككە تەييارلاۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ھەممە كىشىنى كوۋىد – 19 يۇقۇمى تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ھەر بىر خەلقىمىزدىن، يېڭىل يىل كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر كۈنى ۋە كۈندىلىك ھاياتلىرىنىڭ ھەر لەھزىسىدە تەدبىرلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇم مۇسىبىتىنى دەرھال دەپئى قىلىش كۈرىشىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر