كوجا: ۋاكسىنا ئەملەش ئىستراتېگىيەسى بېكىتىلدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا: «كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنىڭ 28 كۈن ئارىلىق قالدۇرۇلۇپ ئىككى قۇتا ئەملىنىشى مۇۋاپىق دەپ قارالدى» دېدى.

1555011
كوجا: ۋاكسىنا ئەملەش ئىستراتېگىيەسى بېكىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد – 19 ئىلمىي كومىتېتى خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى توغرىسىدا يىغىن چاقىردى.

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا يىغىندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «تاپشۇرۇپ ئېلىش باشلانغان ۋاكسىنىنىڭ دەسلەپكى قىسمى بۈگۈن دۆلىتىمىز دۆلىتىمىز كەلتۈرۈلۈپ مىنىستىرلىقىمىزغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى... ۋاكسىنا ئەملەش پىلانى باشلىغاندا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە ۋاكسىنا ئەملىنىدىغانلار تەرتىپى ئىلمىي كومىتېت تەرىپىدىن بېكىتىلدى. ۋاكسىنا ئەملەش ئالدى بىلەن بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن ئورۇن ئالغان سەھىيە خادىملىرى بىلەن ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىدىكى كىشىلەردىن باشلىنىدۇ... يۇقۇمنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغان بولۇشىنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ، ۋاكسىنىنى 28 ئارىلىق قالدۇرۇپ ئىككى قۇتا ئەملەش مۇۋاپىق دەپ قارالدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر