ئاقار بىلەن قوماندانلار چېگرا لىنىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارباش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە ھەرقايسى ئارمىيەلەرنىڭ قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە چېگرا لىنىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنى يوقلىدى ۋە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى.

1554796
ئاقار بىلەن قوماندانلار چېگرا لىنىيەسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە ھەرقايسى ئارمىيەلەرنىڭ قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە شانلىئۇرفاغا يېتىپ بېرىپ، ھەربىي ھەرىكەت مەركىزىدە ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارنى يوقلىدى، ھەمدە بۇ يەردە چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەت رايونلىرى ۋە چېگرا لىنىيەسىدىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىدى.

مىنىستىر ئاقار، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى يوقىتىلغانغا قەدەر ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرۇسا، ئەزىز خەلقىمىزنى بۇ تېررورىزم بالاسىدىن قۇتقۇزىمىز. بۇ ھەقتە ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

ئۇ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە پىداكارلىق ۋە خىزمەت كۆرسەتكەن بارلىق ھەربىي خادىملارنى تەبرىكلەپ، مۇنداق دېدى: «ھەممىڭلارنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن، كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپەڭلەردىمۇ مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.»

ئاقار، مۇشەققەتلىك ۋە ھاۋا شارائىتى ناچار جايلاردا ۋەزەپە ئۆتەۋاتقان بارلىق ھەربىي خادىملارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر