ئاقار 2020 - يىلى بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار 2020 – يىلى ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ئىچى – سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

1554514
ئاقار 2020 - يىلى بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، 2020 – يىلى ئىچىدە تۈركىيەنىڭ ئىچى – سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان 200 دىن ئارتۇق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئۈچ مىڭ 664 تېررورچىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال – پولكوۋنىك ياشار گۈلەر، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ قوماندانلىرى ۋە مۇئاۋىن مىنىستىرلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن يىللىق سىن كۆرۈنۈشلۈك خۇلاسە يىغىنى چاقىرىلدى.

يىغىندىكى سۆزى ئەسناسىدا مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالغان ئاقار، مۇشۇ بىر يىلدىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئىشتىراكچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇ: «بۇ بىر يىلدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بولۇپ 200 دىن ئارتۇق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردۇق. ئېلىپ بېرىلغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا جەمئىي ئۈچ مىڭ 646 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ ئارىسىدا تەشكىلاتنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى كاتتىباشلىرىمۇ  بار. خۇلاسىلىگەندە 2015- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى تېررورچىلارغا قارشى باشلانغان يېڭى كۈرەش مۇساپىسىدىن بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلار ئومۇمىي سانى 30 مىڭ 416 گە يەتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەزكۇر زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پايدىلىنىۋاتقان ھەر خىل ئورۇن، ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاقار: «دۆلەت ئىچى ۋە چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنىڭ قانچىلىك ئۆڭكۈرى ۋە ئۇۋىسى بولسا، بىتچىت قىلىپ تاشلاندى ۋە داۋاملىق بىتچىت قىلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر