ئەردوغان كىرودىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كىرودىيە پىرېزىدېنتى زوران مىلانوۋىچ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1554289
ئەردوغان كىرودىيە پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەردوغان تېلېفون سۆھبىتىدە، كىرودىيەدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن كىرودىيە پىرېزىدېنتى مىلانوۋىچ ۋە كىرودىيە خەلقىدىن ھال سورىغان.

تۈركىيەنىڭ «قارا كۈن دوستى» ئىكەنلىكىنى  ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كىرودىيەدە ئىزدەش قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زۆرۈر بولغان بارلىق ياردەملەرنى بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر