تۈركىيە  ئادەن ئايرودورۇمىدا يەمەن ھۆكۈمىتى ئەزالىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

يەمەندىكى ئادەن ئايرودورۇمىدا يېڭى كابىنېت ئەزالىرى قونۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن 3 قېتىملىق پارتلاشتا دەسلەپكى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 13 كىشى قازا قىلغان ۋە 65 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

1554810
تۈركىيە  ئادەن ئايرودورۇمىدا يەمەن ھۆكۈمىتى ئەزالىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەمەندە ئالدىنقى ھەپتە ۋەزىپىسىنى باشلىغان باش مىنىستىر مۇئىن ئابدۇلمالىكنىڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى يەمەن ھۆكۈمىتى ئەزالىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان ئادەن ئايرودورۇمىدا قونغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

باياناتتتا، «ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت تېلەيمىز، قېرىنداش يەمەن خەلقىگە تەزىيە تېلەكلىرىمىزنى يوللايمىز، يارىدارلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر