تۈركىيە كىرودىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن كىرودىيەگە تەزىيە بىلدۈردى.

1554293
تۈركىيە كىرودىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ كىرودىيەنىڭ پېترىنجا شەھىرىدە 6.4 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «كىرودىيەلىك دوستلىرىمىزنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىمىز، كىرودىيە خەلقىگە ۋە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم ھال سورايمىز.»

پالاكەت مەزگىللىرىدە خەلقئارالىق  ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ كىرودىيە خەلقىگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا، پېترىنجا شەھىرىدە تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 5 كە يەتتى.

يەر تەۋرەش ئاپىتى، رايون دۆلەتلىرى بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا بىلەن سېربىيەدىمۇ ھېس قىلىنغان، يەر تەۋرەشتىن كېيىن، كۆپ ساندا قالدۇق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر