تۈركىيە چەت ئەلدىن كەلگەن يولۇچىلاردىن يۇقۇم تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىشنى باشلىدى

چەت ئەلدىن كەلگەن يولۇچىلاردىن «PCR (پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئانالىزاتورى ) سىناق نەتىجىسى»نى تەلەپ قىلىش تۈزۈمى ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرى ۋە ئايرودۇرۇملاردا بۈگۈن رەسمىي يولغا قويۇلدى.

1554457
تۈركىيە چەت ئەلدىن كەلگەن يولۇچىلاردىن يۇقۇم تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەلەپ قىلىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈندىن باشلاپ 2021 – يىلى مارت ئېيىغىچە داۋاملىشىدىغان بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش قەغىزى يوقلار قايتىپ كېتىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنالايدۇ ياكى ئۆزى مەلۇم قىلغان تۈركىيەدىكى تۇرۇش ئورنى (ئۆي، مېھمانخانا)دا كارانتىن قىلىنىدۇ.

تۇرىدىغان جايى يوقلۇقىنى مەلۇم قىلغان يولۇچىلار بولسا، سەھىيە ئىدارىسى كۆرسەتكەن جايلاردا كارانتىن قىلىنىدۇ.

كارانتىننىڭ 7- كۈنى ، PCR سىنىقى نەتىجىسى مەنپىي چىققانلارنىڭ كارانتىن قىلىش مۇددىتى تاماملانغان ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلار بولسا، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كوۋىد – 19 بىمارلىرىنى داۋالاش كۆرسەتمىلىرى بويىچە داۋالىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر