چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكا CAATS ئېمبارگولىرى مەسىلىسىدە ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەكلىپى سۇندى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان CAATS (ئامېرىكانىڭ دۈشمەنلىرىگە ئېمبارگولار ئارقىلىق كۈرەش قىلىش قانۇنى) ئېمبارگولىرى مەسىلىسىدە ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

1554582
چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكا CAATS ئېمبارگولىرى مەسىلىسىدە ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەكلىپى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، «2020 – يىللىق دىپلوماتىيە سىياسىتىگە نەزەر» ناملىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغان تۈركىيەگە قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقىنى، ھەمدە بۇ ئېمبارگولار مەسىلىسىدە تۈركىيەگە ئورتاق خىزمەت ئىشلەش گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «2020 – يىلىمۇ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىمىزدىن بىرى دىپلوماتىيە بولدى، ئەمما كىرىزىس دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بېرىپ يەتكەن چاغدا، ساھەدە ھەرىكەتكە ئۆتتۇق، تەكرار دىيالوگ ۋە دىپلوماتىيەنىڭ دەرۋازىسىنى كەڭ ئاچتۇق. جۈملىدىن، شەرقىي ئاقدېڭىزدا بىز بولمىساق، ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى پۈتكۈل جاھانغا نامايەن قىلدۇق. قانداق قىلالايدىغانلىقىمىزنى - قۇدرىتىمىزنى دوستمۇ، دۈشمەنمۇ تونۇپ يەتتى.»

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «يېڭى يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئىجابىي مۇھىت ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىز تەييارمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ تەييار بولۇشىنى كۈتۈۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر