ئەردوغان تۈركىيە - ئەنگلىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ بۈگۈن ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئەنگلىيە بىلەن تۈزۈلىدىغان ئەركىن سودا كېلىشىمى تاموژنا ئىتتىپاقى كېلىشىمىدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم سودا كېلىشىمىمىز بولىدۇ» دېدى.

1553613
ئەردوغان تۈركىيە - ئەنگلىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ بۈگۈن ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىنكى باياناتىدا تۈركىيە – ئەنگلىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇ (ئەركىن سودا كېلىشىمى) بىزنىڭ تاموژنا ئىتتىپاقى كېلىشىمى (1996) دىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم سودا كېلىشىمىمىز بولىدۇ. 2021 – يىلىدىن باشلاپ تۈركىيەمۇ، ئەنگلىيەمۇ پايدا ئالىدىغان بىر دەۋر باشلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر