چاۋۇشئوغلۇ: ئېمبارگولار ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمدۇر

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنىڭ ئەنقەرەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1554035
چاۋۇشئوغلۇ: ئېمبارگولار ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رۇسىيەگە كەتكەن دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن بىرلىكتە سوچى شەھىرىدە قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە رۇسىيەدىن «400 - س» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەقىبلىرى بىلەن ئېمبارگولار ئارقىلىق كۈرەش قىلىش قانۇنى دائىرىسىدە تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇرغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئېمبارگولارنىڭ تۈركىيەنى ئۇلۇغۋار نىشانلىرىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئېمبارگولار بىزنىڭ ئىگىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىقىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمدۇر. دەرۋەقە، بۇ ئېمبارگولار تۈپەيلى ئارقىغا قەدەم تاشلىمايدىغانلىقىمىز ھەممىگە ئايان.»

نۇتىقىدا، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەگە بېرىۋاتقان ياردىمى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «باشقا بىر دۆلەتنىڭ، ياكى (لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى) ھەفتەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر شەخسنىڭ، (تۈركىيە لىۋىيەدىن ئايرىلسۇن) دېيىش ھوقۇقى يوقتۇر.»

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشمۇ چاۋۇشئوغلۇ بىلەن لاۋورۋنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى ئىدى.

چاۋۇشئوغلۇ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە، رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيەدە ئواتاق ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە – رۇسىيە سودا مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيەنىڭ (مەۋجۇت نورما توشقاندىن كېيىن) تۈركىيەدىن پەمىدۇر ئېكىسپورت قىلىش نورمىسىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، رۇسىيەدە ياسالغان مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋالغانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى چىقارغانلىقىنى، قانۇنسىز ئېمبارگولارغا قارشى ئەنقەرە بىلەن ھەربىي – تېخنىكىلىق ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر