ئوكتاي: تۈركىيە قىبرىس تۈركلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈركىيەنىڭ قىبرىس تۈركلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى ۋە قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە 1974 – يىلى، 14 – ئاۋغۇست كۈنى شېھىت قىلىنغان 14 بالا يېقىندا كىملىكلىرى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن، دەپنە قىلىنغانىدى.
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە EOKA نىڭ زالىملىقى نەتىجىسىدە شېھىت بولۇپ كەتكەن نارىسىدە بالىلىرىمىزنىڭ ئەبەدىي ئارامگاھى بولغان ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلۇشى، ئۆز ۋاقتىدا يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق خاتىرىلەرنى يەنە بىر قېتىم كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈردى. قىبرىس ئارىلىدا تۈركلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى يوققا چىقارغان، يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان ۋە بۇنىڭغا كۆز يۇمغان ئىدېئولوگىيە، بۈگۈن كۈندىمۇ مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈشۈۋېتىش سايىسىدا ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. تۈنۈگۈنكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ تۈركىيە بارلىق ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قىبرىس تۈركلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ئۇلارنىڭ جېنى، مال – مۈلۈكلىرى، ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداش، ۋە كۆزىتىشنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئۆلمەس ھەقىقەتنى پۈتكۈل دۇنيا كۆرۈشى، مەسىلىنى ھەققانىيەت ئاساسىدا ھەل قىلىش چارىسى باسقۇچىغا ھەسسە قوشۇشى كېرەك.»
EOKA: قىبرىس ئارىلىنى گىرېتسىيە قاراشلىق قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان قوراللىق تەشكىلاتتۇر.