ئاقار ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۈمە ئەنەد سادون بىلەن كۆرۈشتى.

1553398
ئاقار ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقار بىلەن سادون، پايتەخت ئەنقەرەدە ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان.

تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇچرىشىشلاردا، ئاقار، تۈركىيەنىڭ ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قوشنىلىرىنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ھەمكارلىق مىخانىزىمى ئورنىتىلىشىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ يەنىمۇ يۈسەك سەۋىيەدە داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ يەنە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ خەلقنىڭ ۋە چېگرا لىنىيەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەم تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر