چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەتە رۇسىيەگە يېتىپ بارىدۇ.

1553169
چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، سوچىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يىغىنغا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسى يىغىنىدا، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە. يىغىندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا، <2021 – 2022 – يىللىق كېڭەش پىلانى> ئىمزالىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر