خۇلۇسى ئاقار لىۋىيە ھەربىي ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ  يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى لىۋىيە ھەربىي ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

1552514
خۇلۇسى ئاقار لىۋىيە ھەربىي ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابى باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر ۋە بەزى قوماندانلارنىڭ ھەمراھلىقىدا تۈنۈگۈن  لىۋىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە لىۋىيە ھەربىي ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سالاھاددىن نەمرۇش، دۆلەت ئالىي كېڭىشى باشلىقى خالىد مەشرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتھى باشئاغامۇ قاتناشقان مۇراسىم، دۆلەت مارشىنىڭ چېلىنىشى بىلەن باشلاندى.

ھەربىي ئاكادېمىيە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇندىغان نۇمۇرلىرى ۋە رەسمىي پاراتتىن ئۆتۈش پائالىيىتىدىن كېيىن مۇراسىم ئاخىرلاشتى.

ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سالاھاددىن نەمرۇش، دۆلەت ئالىي كېڭىشى باشلىقى خالىد مەشرى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى فەتھى باشئاغا شۇنداقلا مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار ۋە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۇلەر تەرىپىدىن تەبرىكلەندى.

:



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر