فاخرەتتىن كوجا تۈركىيەدە كوۋىد-19 نىڭ ئەنگلىيەدە كۆرۈلگەندەك گېن ئۆزگىرىشىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتتى

سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا، تۈركىيەدە كوۋىد-19 نىڭ ئەنگلىيەدە كۆرۈلگەندەك گېن ئۆزگىرىشىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1552625
فاخرەتتىن كوجا تۈركىيەدە كوۋىد-19 نىڭ ئەنگلىيەدە كۆرۈلگەندەك گېن ئۆزگىرىشىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، كوۋىد-19 نىڭ گېن ئۆزگىرىشى ئۈستىدە توختىلىپ، ۋىرۇسنىڭ گىن ئۆزگىرىشى ۋە باشقا ئۆزگىرىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن خەلق ساغلاملىقى تەجرىبىخانىلىرىنىڭ قەرەللىك ھالدا دۆلەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئەۋرىشكىلەرنى تەكشۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

فاخرەتتىن كوجا: «بۇ تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، بايقالغان ئۆزگىرىشلەر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ئورتاقلىشىلماقتا. ئۆزگىرىشلەرگە قارشى تەدبىرلەر دائىرىسىدە ئەنگلىيەدىن دۆلىتىمىزگە كەلگەن ۋە تەكشۈرىشى مۇسبەت چىققان كىشىلەرنىڭ PCR ئەۋرىشكىلىرى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەۋرىشكىلەر  تەجرىبىخانىلىرىمىزدا تولۇق گېن تەرتىپلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەكشۈرۈلدى. يېقىندا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىن تۈركىيە كەلگەن ۋە PCR ئەۋرىشكىسى مۇسبەت چىققان بېماردىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەردىمۇ ئۆزگىرىش كۆرۈلمىدى ھەمدە  دۆلەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىن يىغىلغان ئەۋرىشكىلەردىمۇ ئەنگلىيەدە كۆرۈلگەندەك گېن ئۆزگىرىشى بايقالمىدى» دېدى.

فاخرەتتىن كوجا قەرەللىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر