تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى رايونىغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1552256
تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا بەش تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تىنچلىق بۇلىقى رايونىغا سىڭىپ كىرمەكچى بولغان پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بەش تېرورچىنىڭ بىتەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، سۈرىيەدىكى پ ي د/پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى، سۈرىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى M-4 تاش يولىنىڭ شىمالىدىكى تەلئەبياد ناھىيەسىنىڭ مۇئەللەق ۋە سەئىدە يېزىلىرىغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان. ۋەقەدىن ۋاقىپ بولغان سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بىلەن تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

 بىخەتەرلىك مەنبەلىرى، بەزى تاراتقۇلارنىڭ «توقۇنۇش ئاين ئەيسادا يۈز بەردى» دېگەن خەۋەرلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، ۋەقەنىڭ تەلئەبيادنىڭ تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر