ئەردوغان: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان ۋاكسىنىنى  ئەملىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1551945
ئەردوغان: «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، ئىستانبۇلدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار مەسىلىلەر  ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ۋاكسىنىسى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى قەدەمدە خىتاي ۋە گېرمانىيەدىن كېلىدىغان ۋاكسىنىلار بىلەن بىرلىكتە باسقۇچىمىزنى ئىشقا كىرىشتۈرىمىز. ۋاكسىنا ئەملىتىدىغانلىقىمىزنى ئاياسوفيا جامەسىدە بىر جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئېلان قىلغانىدىم. بارلىق خەلقىمىزنىمۇ  بۇ مەسىلىگە مۇشۇنداق سەزگۈر قاراشقا تەكلىپ قىلىمەن.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرىمىزدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، نىشانلىرىمىزغا قاراپ بىردەك قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىمىزنى كۆرىمىز. دەرۋەقە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»

ئۇ، ئىسرائىلىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىخبارات ساھەسىدە داۋاملىشىۋاتقانلىىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن سىياسىتى بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن سىياسىتىنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. جۈملىدىن، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىغا قارىتا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەلىرىنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر