پ ك ك تېررورچىلىرى قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە داۋاملىق تەسلىم بولماقتا

قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە 7 تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.

1551380
پ ك ك تېررورچىلىرى قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە داۋاملىق تەسلىم بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان يەنە 7 تېررورچى، تۈركىيەگە كىرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تەسلىم بولغان مەزكۇر تېررورچىلار، 2013 – 2018 – يىللىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغان، تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.

شۇنىڭ بىلەن، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، 1 – يانۋاردىن تارتىپ ھازىرغىچە تەسلىم بولغان تېررورچىلارنىڭ سانى 241 گە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر