سويلۇ گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرگە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىسى تۈپەيلى نارازىلىق بىلدۈردى
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈشى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئەگە دېڭىزىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا ئەزىيەتلىرى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلىرى مەزمۇن قىلىنغان ۋىدېئو كۆرۈنۈشلىرىنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن سويلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلار كومىسسارى يىلۋا جوھانسونغا خىتاب قىلدى.
سويلۇ ئۇچۇرىدا، گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئۇرغان ۋە تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە تەرك ئېتىش ئۈچۈن كۆچمەنلەرنى ئولتۇرغۇزغان قېيىقنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن 5 تەرتىپسىز كۆچمەندىن 3 ىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك يىلۋا جوھانسون! گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرگە قارىتا ئەزىيەتلىرى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلىرى جىنايەتكە ئايلانماقتا. FRONTEX كۆرمەسكە سېلىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھېسابى گىرېتسىيەدىن سورالمامدۇ؟»
ئۇ، ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرلىرىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بىلەن FRONTEX نىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىلىرىنىمۇ ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.