تۈركىيە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ مائارىپى ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇردى

تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى (YTB) بۇ يىل ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مائارىپى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئاخباراتچىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇردى.

1548898
تۈركىيە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلارنىڭ مائارىپى ئۈچۈن مەخسۇس لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇردى
uygur türkleri günlük (10)
Kırgizistandaki Uyguralar_7
Uygur çiftçiler

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىدارىسى (YTB) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل تۈركىيە بىلەن چوڭقۇر تارىخى، دىنىي، سىياسىي، جۇغراپىيەلىك ۋە مەدەنىيەت رىشتىسى بولغان  قېرىنداش، ئۇرۇغ - تۇغقان ۋە ئىرقداش مىللەتلەرگە قارىتىلغان  مائارىپ ياردەم پىروگراممىسى داۋاملاشتۇرۇلغان.

بۇ دائىرىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىغا تەۋە ياشلارنىڭ ئانا تىلىدا ئىقتىدارلىق بولۇشلىرى شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتاب تۈزۈش خىزمەتلىرىنى باشلىدى.

دەرسلىك كىتابلارنىڭ مەزمۇنى، ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان ماتېرىياللار  تەكشۈرۈلۈپ، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرچە دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا  تۈركىيە، ئامېرىكا، شىۋېتسىيە، قىرغىزىستان، بېلگىيە ۋە ياپوپنىيە قاتارلىق 12 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بېكىتىلدى.

فارابى مائارىپ لايىھەسى دائىرىسىدىمۇ پەن-تېخنىكا ۋە ماتېماتىكا ساھەسىدە ئىقتىدارلىق بولىشى ئۈچۈن ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى ئۇيغۇر ياشلارغا كۇرس پروگراممىلىرى تەشكىللەندى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەردە ئاخباراتچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە «ئاسىيا تىنچ ئوكيان تور تاراتقۇلىرى بويىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

پروگراممىغا 9 دۆلەتتىن 150 كىشى ئىلتىماس قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر