چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا جاۋاب قايتۇردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نىكوس دېندىئاسغا جاۋاب قايتۇردى.

1548930
چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، گىرېتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نىكوس دېندىئاسغا قايتۇرغان جاۋابىدا، مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك نىكوس ئەپەندىم! يېڭى يىل ئۈچۈن سىزگە دوستانە تەۋسىيە: باشقىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش ۋە گىرېتسىيە خەلقىنىڭ ئېتىبارىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ۋاز كېچىڭ. 2021 – يىلى، بىۋاسىتە، سەمىمى ۋە جىددىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئىختىلاپلىرىمىزنى ئادىل بىر شەكىلدە مۇزاكىرە قىلالايدىغان بىر يىل بولسۇن.»

گىرېتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى نىكوس دېندىئاس، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ تۈركىيەگە قورال – ياراغ ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى قانچىلىغان قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېگەنىدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر