ئەردوغان كومسىك بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ كىروۋات ئەزاسى زېلجكو كومسىك بىلەن تېلېفونلاشتى.

1548188
ئەردوغان كومسىك بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ كىروۋات ئەزاسى كومسىكنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە - بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش يولىدا تاشلىنىشى كېرەك بولغان قەدەملەر ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ بىرلىكى، پۈتۈنلۈكى، مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ياردەملەرنى قىلغانلىقىنى ۋە مۇشۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر