تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تۈنۈگۈن سومالىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى؛

1548329
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەششەباب تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈنۈگۈن سومالىنىڭ گالكايو شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، يەنە نۇرغۇن كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بىز بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. قېرىنداش سومالى خەلقى ۋە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، قازا قىلغانلارغا ئاللاھتىن مەرھەمەت، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز. تۈركىيە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا سومالىنى داۋاملىق قوللايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۈنۈگۈن سومالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 15 ئادەم قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر