تۈركىيە بېلگىيەنىڭ قاراباغ توغرىسىدىكى قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، بېلگىيە ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنغان يۇقىرى قاراباغ توغرىسىدىكى 1597 - نومۇرلۇق قارارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1548166
تۈركىيە بېلگىيەنىڭ قاراباغ توغرىسىدىكى قارارىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، بېلگىيە ئاۋام پالاتاسىدا يۇقىرى قاراباغ ۋە 9 – دېكابىرنى خاتىرىلەش كۈنى توغرىسىدا قوبۇل قىلىنغان 1597 ۋە 923 - نومۇرلۇق قارارلارغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا يازما جاۋاب بېرىپ، «يۇقىرى قاراباغ مەسىلىسىدە بېلگىيە ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي مەجلىسىدە قوبۇل قىلىنغان 1597 – نومۇرلۇق قارار قانۇنىي ياكى ئەخلاقىي جەھەتتىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. تۈركىيە توغرىسىدا ئاساسسىز دەۋا ۋە تۆھمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قارارنى رەت قىلىمىز» دېدى.

بۇ قارارنىڭ بېلگىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە ئەرمەن سۆز – چۆچەكلىرىگە قانچىلىك دەرىجىدە ئويۇنچۇق بولۇپ بەرگەنلىكى، ناتوغرا قاراشلارغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە دۆلەت ئىچكى سىياسىتىنىڭ تار مەنپەئەتلىرىگە ئەسىر بولۇپ قالغانلىقىنىڭ روشەن مىسالى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ قارار تۈركىيە - بېلگىيە مۇناسىۋىتىگە تۆھپە قوشمايلا قالماي، رايوندىكى تىنچلىق  ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش خىزمەتلىرىگىمۇ تۆھپە قوشمايدۇ. بۇ خىل قارارلار يەنە ئەرمېنىيەنىڭ پاكىتنى قوبۇل قىلىش جەريانىنى كېچىكتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قېچىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن بېلگىيە ئاۋام پالاتاسىدا شۇ كۈنى قوبۇل قىلىنغان 9 – دېكابىرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنى خاتىرىلەش كۈنى دەپ ئېلان قىلىنىشى توغرىسىدىكى قاراردىكى 1915 – يىل ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرمۇ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرى باشتا بولۇپ قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا زىت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئاقسوي، تۈركىيەنىڭ بېلگىيەدىن ئاقىلانە ھەرىكەت قىلىپ، مەزكۇر قارارلار دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە كۆلەڭگە چۈشۈرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن ساقلىنىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر