ئوكتاي قازاقىستاننىڭ «مۇستەقىللىق كۈنى» نى تەبرىكلىدى

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن 1991 – يىلى 16 – دېكابىر كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان قازاقىستاننىڭ «مۇستەقىللىق كۈنى» نى تەبرىكلىدى.

1546903
ئوكتاي قازاقىستاننىڭ «مۇستەقىللىق كۈنى» نى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت قازاقىستاننىڭ <مۇستەقىللىق كۈنى> نى تەبرىكلەيمەن. بۇنىڭدىن 29  يىل ئىلگىرى قازاق يۇرتى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان چاغدا، ئۇنى تۇنجى ئېتىراپ قىلغان دۆلەت تۈركىيە بولغانىدى. ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىش ۋە ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقىمىزنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر